ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «خوتەن» يولى دوقمۇشىغا ئېچىلغان كۆلىمى سەل كىچىكرەك قوي بازىرىدا ھېلىلا قۇربان ھېيتلىق قوي سېتىۋېلپ، قوي دۈمبىسىگە بەلگە سېلىپ تۇرغان ئابدۇسەمەت تۇرغۇن ئاكا ماڭا مۇنداق دېدى:
ـــ بۇ يىل قوينىڭ باھاسى بۇلتۇرقىغا ئوخشاپراق كېتىدىكەن، مانا بۈگۈن بۇ قاسساپتىن 1500 كويغا ئاۋۇ دۈمبىسىگە بەلگە سېلىنغان قوشقارنى سېتىۋالدىم، پەمىمچە 25 كىلوگرام گۆش چىقىدۇ، بىنا ئۆيلەردە قوي باققىلى بولمىغاندىن كېيىن قاسساپ ئۇستامغا دېۋىدىم بىكارغا قاراپ بېرىدىغان بولدى، ھېيت كۈنى ئەتىگەندە ئەكىتىمەن.