10– ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە «1 – ماي» يولىدىكى مەخسۇس «ئىلچى» كىيىملىرىنى سېتىش دۇكىنىدا دۇكان خىزمەتچىلىرىدىن گۈزەلنۇر ئىمىنجان بىلەن بۈۋىخەلچەم ئىككەيلەن سېتىلىپ بولۇنغان كىيىملەر ئورنىغا مال ئامبىرىدىن كىيىم تولۇقلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ـــ قۇربان ھېيت مۇناسىۋېتى بىلەن «ئىلچى» كىيىملىرىنى ئېتىبار باھادا سېتىشنى يولغا قويدۇق، ئەڭ كۆپ بولغاندا %80، ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ %30 باھا ئېتىبار قىلىندى، ئۇندىن باشقا ھېيت مۇناسىۋېتى بىلەن يېڭىدىن ئەرلەرنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ بولۇپ كۈزلۈك، قىشلىق 20 نۇسخا كىيىمى بازارغا سېلىندى،- دېدى شىنجاڭ «ئىلچى» كىيىم كېچەك مەدەنىيىتى تارقىتىش شېركىتى سېتىش بۆلۈمى دېرىكتورى تاھىرجان ئىبراھىم ماڭا.
ئىگىلىشىمچە، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋېتى بىلەن «ئارمان»، «ئىخلاس»، «كارىفور» قاتارلىق ئۈرۈمچىدىكى چوڭ تاللا بازارلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى تۈرلۈك ئېتىبار باھادا مال سېتىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويغان.
9 – ئۆكتەبىر «شياڭگاڭ جۇڭگو ساياھەتچىلىكى» شېركىتى شىنجاڭ شېركىتىنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىدە خىزمەتچى خادىملار ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرۈشكە كەلگەن خېرىدارلارنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. دۆلەت بايرىمىدىكى 7 كۈنلۈك دەم ئېلىشتا ئادەم كۆپ دەپ، كىشىلەر بۇ يىللىق قۇربان ھېيت دەم ئېلىشىدىكى 5 كۈندە سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشنى ئويلاشقان، شۇنداقلا ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى باھاسىمۇ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكىدىن سەل چۈشكەن.
ـــ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەر 5 كۈن دەم ئالىدىغان، شىنجاڭغىلا خاس ئۇزۇن دەم ئېلىش بولدى،- دېدى شېركەت باش دېرىكتور ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مياۋ شياپۇ،- سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپلا بۇ ئارىلىقتىكى ساياھەتكە تىزىملاتقانلار سانى كۆپىيىشكە باشلىدى، مانا بۇ ئۈچ كۈندىكى تىزىملىتىش سانى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى، چۈنكى ئەزەلدىن دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن بۇنداق ساياھەت دولقۇنى ياكى مەزگىلى بولۇپ باقمىغان.