خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، سۇرىيە خېمىيەلىك قوراللار كرىزىسى ئۆتكۈرلەشتى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى سۇرىيەگە قورال ئىشلىتىمىز دەپ تەھدىت سېلىپ، سۇرىيەنى دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان قىززىق نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. رۇسىيەنىڭ سالا قىلىشى بىلەن، سۇرىيە خېمىيەلىك قوراللار مەسىلىسى دىپلوماتىك ھەل قىلىش يولىغا چۈشتى. سۇرىيە دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن ئارمىيەنىڭ توقۇنۇشى ھازىرغىچە توختىمىدى. سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى كونتروللۇقىدىكى غەربىي شىمالدىكى شەھەر ئالېپودا مۇخبىر سۇرىيەدىكى بىر كىچىك «ھەربىي مېخانىك» ئىيسانىڭ تۇرمۇشىنى سۈرەتكە ئېلىۋالدى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر