خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئىيۇل ئەتىگەن سائەت بەش ئەتراپىدا، قايتا تەشكىللەنگەن دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى يېڭى ۋىۋىسكا ئاستى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېسىلغىلى 14 يىل بولغان «جۇڭگو دېڭىز نازارەت باش ئەترىتى»نىڭ ۋېۋىسكىسى ئېلىۋېتىلىپ، «جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسى»نىڭ ۋېۋىسكىسىغا ئالماشتۇرۇلدى. بۇ دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنى قايتا تەشكىللەشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى تارماقلار دېڭىزنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان ۋەزىيەت ئاخىرلىشىدۇ.