خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئىيۇل مەلۇم تورداش مىكرو بىلوگىدا ۋېنجوۋ شەھىرى غەربىي كوچىسىدا «تاۋۇز كىيىم» كەيگەن بىر بالىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە 3 پارچە سۈرەت يوللىدى. بۇ سۈرەتلەر تورداشلارنى تېزلا جەلپ قىلىۋالدى، ھەم قىسقا ۋاقىتتىلا مىڭدىن ئارتۇق قېتىم ئۇلاپ تارقىتىلدى. تورداشلار بۇنىڭغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان ئىنكاسلاردا بولدى. دوختۇرلار ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تاۋۇز كىيىم» ئاندا-ساندا ئويۇن تەرىقىسىدە بولسا بولىدۇ، ئاشۇرۇۋېتىلسە بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق.