شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، تارىخ-مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى ، پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » تەشكىلىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىغاندا ، بۇ قېتىمقى يىغىننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن قوللىغان شىنجاڭ « مۇئەللىم» ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتىدىكى ئىلىم سۆيەر ياشلار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ يارقىن نۇقتىسى سۈپىتىدە « مۇئەللىم » تىلشۇناسلىق مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى . يىغىن ئىلمىي ھەيئىتى بۇ پىكىرنى قوللىدى ۋە شىركەت مەسئۇللىرى بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تىلشۇناسلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى سېلىشتۇرۇش ، تاللاش ئارقىلىق 11 نەپەر تىلشۇناسقا « مۇئەللىم» تىلشۇناسلىق مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلدى .
شىنجاڭ « مۇئەللىم » ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ لېدىرى ئەخمەتجان نورۇز بۇ مۇكاپات توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى : شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ، ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ، جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماستىن ، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈپ ، مائارىپنى قوللاپ كەلدى . بىز بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزدىكى ئۇزۇن يىل تىلشۇناسلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان تىلشۇناسلىرىمىزغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ ، يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ، ياخشى بولغان تىل مۇھىتى يارىتىپ بېرىشتىنى مەقسەت قىلدۇق .
بۇ قېتىم شىنجاڭ «مۇئەللىم» ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتى 11 نەپەر تىلشۇناسنىڭ ھەر بىرىنى 5000 يۈەن نەق پۇل ۋە 1300 يۈەن قىممىتىدىكى «مۇئەللىم» ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلىرى بىلەن مۇكاپاتلىدى . ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ «مۇئەللىم» ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتى قۇرۇلۇپ تا ھازىرغا قەدەر مائارىپنى قوللاش يۈزىسىدىن قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدە نەق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغان .