يىغىندا يەنە تىلشۇناسلىق ساھەسىدە ھاياتى ۋە ئىجتىھاتىنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئۈچۈن بېغىشلىغان ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرگەن ، خەلقئارادىكى يېڭى تىلشۇناسلىق نەزەرىيەلىرىنى ، ئۇسۇللىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەدبىقلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئامىنە غاپپار ، مىرسۇلتان ئوسمانوف ، نەسرۇللا يولبولدى ، چېن زوڭجېن ، رازاق مەتنىياز ، مەترېھىم سايىت ، ئابدۇرەئۇپ پولات ، لېتىپ توختى ، مۇھەببەت قاسىم ، جاۋ مىڭمىڭ ، ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىق 11 نەپەر مۇتەخەسىسكە «مۇئەللىم » تىلشۇناسلىق مۇكاپاتى تارقىتىلدى .