باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن: ئىستىل ياخشىلاشنى مۇھىم چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشپائالىيىتىنى ياخشى پىلانلايلى

2013.02.07 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-فېۋرال، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن بېيجىڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانداق قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم مۇتەخەسسىس-ئالىملارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.

  ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى، ئىستىل ياخشىلاشنى مۇھىم چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىياخشى پىلانلاش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 6-فېۋرال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىپ،پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانداق قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم مۇتەخەسسىس-ئالىملارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى، ئىستىل پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، پارتىيەنىڭ ھاياتىغا تاقىلىدۇ. بىز ئىستىل ياخشىلاشنى مۇھىم مەزمۇن ۋە ئاساسىي تەلەپ قىلىپ، تەربىيەلەش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىدە ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلق قەلبىنى ئۇيۇشتۇرۇشىمىز، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەربىيەلەش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 6 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇ يىل 1-ئاينىڭ باشلىرىغىچە قىسمەن ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون، مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتىلار، ئالىي مەكتەپلەر، مەركەز كارخانىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدا ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىدىن يۈزتۇرانە پىكىر ئالغانىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە