مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كونا تار كوچىلاردا يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلدى (سەلتەنەتلىك 70 يىل. كۈرەشچان يېڭى دەۋر. بىرىنچى سەپتىن كەلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماتېرىيالى)

مۇخبىرىمىز خې يۇڭ

2019.08.26 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  ھەيۋەتلىك چيەنمېن كوچىسى، پايتەختنىڭ ئاۋاتلىقىغا شاھىت بولۇپ، چوڭ شەھەرنىڭ سېغىنىش تۇيغۇسىنى قوينىغا ئالغان ئىدى.

  بېيجىڭ ئاللىقاچان زامانىۋى خەلقئارا چوڭ شەھەرلەر قاتارىغا قەدەم قويغان چاغدا، باشقا رايونلارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا سېلىشتۇرغاندا چيەنمېن شەرقىي رايونىدا ئىلگىرىلەش قەدىمى بىر مەھەل ئاستا بولدى.

  2014-يىلى 2-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، چيەنمېن شەرقىي رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي كوچا قىياپىتىنى قوغداشقا قارىتا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بىر ئۇلۇغ شەھەرنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى يەلكەننى كۆتۈرۈپ يولغا چىقىپ، ئاساسى چوڭقۇر زېمىندا يېڭى ھاياتلىقنى كۈتۈۋېلىش ئۈمىدى تۇغۇلدى.

  بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان يوقىلىپ كەتكەن سەنلىخې دەرياسىدا «سۇ ئېقىپ كوچىلارنى كېسىپ ئۆتۈش» قايتا پەيدا بولدى، غەربىي سىلىقلاش زاۋۇتىدا «تارقاقلاشتۇرۇش، تۈزەش، يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، ساۋچاڭ تار كوچىسىدا «ئورتاق ياشاش قورۇسى»دىكى يېڭى، كونا ئاھالىلەر ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇردى... چيەنمېن شەرقىي رايونى كونا شەھەر رايونىنىڭ گۈللىنىش ئۈلگىسى بولدى. كونا تار كوچا يېڭى تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئاچتى.

  مەسىلىنى يېشىش: ئومۇميۈزلۈك قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىش

  72 ياشلىق خۇ يامىڭ كىچىكىدىنلا چيەنمېن شەرقىي رايونىدىكى تار كوچىدا تۇراتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھازىر ئۈچ ئائىلىلىك قوشنىسى بىلەن 200 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق چاسا قورۇدا تۇرىدۇ. ھويلىنىڭ دېرىزىلىرى پاكىز، ئۆي جاھازىلىرى ئاددىي ھەم ئىللىق.

  بەش يىل ئىلگىرى بۇ قورودا بەش-ئالتە ئائىلىلىك تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆيلەر كونىراپ كەتكەن ھەم قىستا-قىستاڭ ئىدى.

  چيەنمېن شەرقىي رايونىنىڭ مەسئۇل پىلانلىغۇچىسى جۇ شياۋدى تار كوچىدا چوڭ بولغان كونا بېيجىڭلىق بولۇپ، ئۇ تار كوچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئەڭ ئېنىق بىلەتتى، ھاجەتخانا ئادەتتە قورۇدا ئەمەس، تار كوچىدا ئىدى، يول يىراق بولسىغۇ كاشكى، يازدا ھاۋا ئۆتۈشمەيتتى، پاشا، چىۋىن ئەدەپ كېتەتتى، قىشتا سوغۇق ئىدى، قول يۇيىدىغان جاي يوق ئىدى، يەنە تار كوچىنىڭ سېسىق پۇرىقى بار ئىدى.

  چيەنمېن شەرقىي رايونى بېيجىڭ كونا شەھىرىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، بۇ رايوندا 46 تار كوچا بار. بۇ جاي ئىلگىرى سودىگەرلەر، باي ئائىلىلەر ئولتۇراقلاشقان، دىراما-ئەلنەغمىچىلەر، ئايۋان-سارايلار توپلاشقان جاي بولۇپ، بېيجىڭدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە كونا كوچا رايونلىرىنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن، شەھەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭ پۇرىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇرۇنقى تار كوچا تۇرمۇشىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بارغانسېرى كەمچىل بولۇپ، قىياپىتى، ئۆي-ئىمارەتلەر كونىراپ، كەسىپ ھالىتى بىر خىللا بولۇش، ئۆز ئالدىغا قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش ئېغىر بولۇش، ئەسلىھەلەر يېتەرلىك بولماسلىقتەك ئەيىبلەر ساقلانغان.

  ئەمەلىيەتتە، كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىش ئاللىقاچان باشلاندى. 2005- يىلى چيەنمېن رايونىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش خىزمىتى باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ئۈنۈمى بولمىدى. «ئىلگىرى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە دائىم كەڭ كۆلەمدە ئۆرۈۋېتىپ قايتا قۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلاتتى، لېكىن چيەنمېننىڭ شىمال رايۇنىدىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە جەنۇب-شىمال، قىيپاش يۆنىلىشلىك تار كوچا مۇسكۇللىرىنى ساقلاپ قالغان تارىخ بولغاچقا، بۇ ئەندىزىنى يولغا قويۇش تەس ئىدى.چيەنمېننىڭ شىمال رايۇنىنىڭ قىياپىتىنى قوغداش خىزمىتىگە ئۇزۇن مۇددەت قاتناشقان دۈەنجىنمېي سەمىمىي سۆز قىلىپ، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلىيەلمىسەك، قانداقلا بولمىسۇن داۋاملىق كۈتۈپ تۇرۇشقا رازىمىزكى، ئالدىراپ-تېنەپ يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.

  بۇ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرى يوقىلىپ كەتسىلا، بۇ زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ.

  2014- يىلى 2- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بېيجىڭ بولسا دۇنياغا داڭلىق قەدىمىي پايتەخت، ھەم ئۇنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولسا، بىر ئالتۇن ئىسىم كارتىسى، بۇ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى قوغداش پايتەختنىڭ مەسئۇلىيىتى، دەپ كۆرسەتتى. بۇ سۆز خۇددى يول كۆرسىتىش چىرىغىغا ئوخشاش كونا شەھەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ