شى جىنپىڭ جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى

2019.08.21 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھىرى گاۋتەي ناھىيەسىگە كېلىپ، جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە ئابىدىسى ۋە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەمدە جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ