مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.08.22 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەركىن سودا سىناق رايونىدا «تىجارەت كىنىشكىسىنى باشقا كىنىشكە بىلەن ئايرىش» ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوشقا باقمىچىلىقى ۋە مەھسۇلاتلىرى، ھەمدە چوشقا گۆشى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرىنى بېكىتىشنى قارار قىلدى.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، ئەركىن سودا سىناق رايونىدا «تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن باشقا كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوشقا باقمىچىلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرىنى بېكىتىشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن باشقا كىنىشكىنى ئايرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىجازەتلىك تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق»نى ھەل قىلىش كېرەك، بۇ بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، خەلقئارالاشتۇرۇش سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق، شۇنداقلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كۈچلۈك تەدبىرى. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئەركىن سودا سىناق رايۇنىدا «تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن باشقا كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، مەركەز قاتلىمىدا بېكىتىلگەن كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازىتىگە چېتىلىدىغان 523 تۈرلۈك تۈرنى ھەمدە كىنىشكىنى كېمەيتىش ۋە تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدا، بىرىنچىدىن، تاشقى سودا تىجارەتچىلىرىنى ئەنگە ئېلىپ تىزىملاش قاتارلىق 13 تۈرلۈك تەستىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئىككىنچىدىن، تاموژنىغا مەلۇم قىلىنغان كارخانىلارنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك تەستىقلاشنى ئەنگە ئېلىشقا ئۆزگەرتىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى ئىجازىتى قاتارلىق 60 تۈرلۈك تەستىقلاشتا ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. تۆتىنچىدىن، قالغان 442 تۈرلۈك تەستىقلاشتا ماتېرىيال ۋە ۋاقىت چەكلىمىسىنى قىسقارتىش، كۈچكە ئىگە مۇددىتى، توردا بېجىرىش ۋە نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى ئۇزارتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئەلا مۇلازىمەت تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. بەشىنچىدىن، يۇقىرىدا ئېيتىلغان كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازىتىگە چېتىلىدىغان بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ باشقۇرۇپ، جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ ھەمدە قەرەللىك تەڭشۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يىغىندا ئەركىن سودا سىناق رايۇنىدا ئالاقىدار مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قارارىنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ يولغا قويۇش قارار قىلىندى؛ چېتىلىدىغان قانۇنلارنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ تەڭشەپ يولغا قويۇشىغا ھوقۇق بېرىشىگە سۇنىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇپ بېرىپ، قۇلايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇشنى مۇلازىمەتكە سىڭدۈرۈش كېرەك. پىشقان تەجرىبىلەرنى پۈتۈن مەملىكەتكە ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىپ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسا، قېرىلىشىشقا تاقابىل تۇرۇش ۋە ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بۇنىڭدا، بىرىنچىسى، مەھەللە تەرەققىياتىنى ئۆيدە تۇرۇش ئاساس قىلىنغان كۆپ خىللاشقان كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە تايىنىپ، ياشانغانلار ئۈچۈن تاماق، دوختۇر، يول يۈرۈش ۋە تازىلىق قاتارلىق قولايلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يېڭىدىن قۇرۇلغان ئولتۇراق رايۇن ۋە كونا ئولتۇراق رايۇننى ئۆزگەرتىشتە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى مۇھىم يۈرۈشلەشتۈرۈش قىلىشى كېرەك.ئىككىنچىسى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ياشانغانلارنىڭ ئىستېمالىغا ماس كېلىدىغان ساياھەت ۋە كۈتۈنۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ سۈپەتلىك ۋە ماس كېلىدىغان ياشانغانلار بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە مەسئۇل باشلىق، پەرۋىش خادىمى ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتچى خادىم قاتارلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىسى، سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، سۇغۇرتا، پاراۋانلىق ۋە قۇتقۇزۇش ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇلغان ھالدىكى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ۋە يېشى چوڭ، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارغا قارىتىلغان ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىش كېرەك. تۆتىنچىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ