مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ: خەينەن ئەركىن سودا پورتى سىياسىتى تۈزۈم سىستېمىسىنى ئەستايىدىل پىلانلاش كېرەك

2019.08.23 14:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 22- چېسلا يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتى سىياسەت-تۈزۈم سىستېمىسى توغرىسىدىكى باسقۇچلۇق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  خەن جېڭ مۇنداق دېدى: خەينەننىڭ جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدىنىشى ۋە ئۇنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاپ، قەدەم ۋە باسقۇچقا بۆلۈپ ئەركىن سودا پورتى سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش بولسا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن مۇھىم دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدۇر. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى سىياسەت-تۈزۈم سىستېمىسىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، تېخىمۇ خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى پەللىسىنى يارىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ