باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋر، شانلىق نەتىجىلەرگە قاراپ ئاتلىنايلى

___ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2018.03.12 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ ئىرادىلەر مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان پەيت.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى» ماقۇللاندى. 11-مارت سائەت 15تىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە خەلق سارىيىدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭراپ، ۋەكىللەر تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىققا چۆمدى. بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى تارىخىي پەيت، ئېلىمىزنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشىدىكى مۇھىم ئابىدە.

  يېڭى تەلەپلەر نامايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇلدى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشى زور ئەھمىيەت، چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە، بىز قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز. دۆلەت تۈپ قانۇنى نوپۇزىنىڭ يەنىمۇ نامايان بولۇشى، رولىنىڭ يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى چوقۇم بارغانسېرى كېڭىيىدۇ، بىز چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرالايمىز.

  دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقاندا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ

  تەنتەنىلىك ئاساسىي قانۇننىڭ ھەر بىر سۆزىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇساپىسىنى قايتا ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى باشلاپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا جاپالىق ئىزدىنىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ قانۇنىيىتى، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي ئالاھىدىلىككە ماسلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپلىرىنى نامايان قىلدى، پارتىيە، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولدى.

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەكىل جاڭ جيەندۇڭ نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ، چەكسىز ئىپتىخارلىنىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر