باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا، ياخشى يولغا قويىمىز

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شەندۇڭدىكى ھەر ساھەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018.03.10 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ـــ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرما، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى زور تارىخىي ۋەزىپە، يېڭى دەۋردىكى <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تۇتقىسى.» «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا، ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى شەندۇڭدىكى ھەر ساھەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  شەندۇڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش شەندۇڭ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى. باش شۇجىنىڭ سۆزى شەندۇڭ خەلقىنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. شەندۇڭ ۋەكىللىرى بەس-بەستە ھېسسىياتى، تونۇشى، ئويلىرىنى سۆزلىدى. شۇنداقلا شەندۇڭ زېمىنىدا باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېزا-كەنتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، گۈللەندۈرۈش تېمىسىدىكى چوڭ مۇھاكىمىنى قوزغىدى.

  كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە مىليونلىغان دېھقانلارغا بولغان غەمخورلۇقى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە بولغان سەمىمىي ئۈمىدى ئىپادىلەندى، ئەمەلىي، دادىل ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئالساق، بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى جاۋاب بەرگەن بولىمىز.

  نىشان ۋە يول كۆرسىتىپ بېرىلدى

  شەندۇڭ ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ۋەكىل جۇاڭ ۋېنجۇڭ باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئۆگەنگەندە ھاياجىنىنى ئۇزاققىچە باسالماي قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات جەھەتلەردىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە نىشان ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجىنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، شەندۇڭ چوقۇم يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شەندۇڭچە سالاپىتىنى نامايان قىلالايدۇ.كەسىپلەر گۈللەنسە يېزا-كەنتلەر گۈللىنىدۇ. 40 نەچچە يىل ئېتىزدىن ئايرىلمىغان پەن تەتقىقات خادىمى، دۆلەت كۆممىقوناق قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى(شەندۇڭ)نىڭ مۇدىرى، ۋەكىل لى دېڭخەي قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى، ئومۇمىي ساپاسىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، بىز چوقۇم يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللىي ئۇرۇقچىلىقنى زورايتىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك.

  ئىختىساسلىقلار كۆپەيسە يېزا-كەنتلەردە ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. دۇڭيىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل جاۋ خاۋجى مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانى ئىخچام، نېگىزلىك بولدى. ھازىر يېزىلاردا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بىلىدىغان ياشلار بارغانسېرى ئازلاپ، ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك ئىختىساسلىقلىرى ئۈزۈلۈپ قېلىشتەك مۈشكۈل ئەھۋال كۆرۈلدى. بىز ئىختىساسلىقلارنى يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلار كۈچىنى زورايتىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر