باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئىككى يىغىن جۇڭگونىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ

2013.03.05 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بۇ يىلقى ئىككى يىغىن ئادەتتىن تاشقىرى مۇھىم، بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىك ئىككى يىغىن، 18-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت-پىروگراممىلار ئۇنىڭدا ئەمەلىي ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ.»

  «ئىككى يىغىندا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ ئىچكى ئىلمىيلىقى ۋە مۇۋاپىقلىقىنى، جۇڭگونىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىملىقلىقى ۋە ئىزچىللىقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.»«پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن ئىككى يىغىنغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئىدىيەسى ۋە لۇشيەن-فاڭجېنلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرى بىلەن باغلىنىپ، تەبىئىي ماسلىشىدىغان، ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئالاھىدە مېخانىزم شەكىللەندى. بۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.»

  بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا، دۇنيانىڭ دىققىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك كۈچى ۋە جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىگە مەركەزلەشتى. شۇنىڭدەك كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئايان بولۇشقا باشلىدى.

  خۇددى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا ئوخشاشلا ئىككى يىغىنمۇ جۇڭگونىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى مۇھىم بىر ھالقا. ئىككى يىغىن يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}