باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەدەنىيەت

ئۇسسۇل بايرىمى ھەققىدە

2013.07.19 09:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيىچە ئۇسسۇل بايرىمى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جۇڭگو تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم كوزۇرلۇق تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر خەلقئارالىق ئۇسسۇل سەنئەت يىغىلىشى.

  ئۇسسۇل بايرىمى 2008-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، كلاسسىك ئەسەرلەرنى نامايان قىلىپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزدى، خەلقئارادىكى تەسىرى كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.ئۇسسۇل بايرىمى دۇنيادىكى نادىر ئۇسسۇللارنى جۇلالاندۇرۇپ، رەڭگارەڭ مىللىيىچە ئۇسسۇل، كلاسسىك بالېت ئۇسسۇلى، زامانىۋى ئۇسسۇل قاتارلىق ئۇسسۇل تۈرلىرى نامايان قىلىنىپ، كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ؛ ئۇسسۇل بايرىمى دۇنيادىكى ئۇسسۇلچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇسسۇل سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە ئىزدەندۈردى.

  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، گۈزەل – سەنئەت، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق سەنئەت پائالىيەتلەر ئارقىلىق سەنئەت جەھەتتىكى جەم بولۇش دائىرىسى كېڭەيتىلدى؛ مول مەزمۇنلۇق ئاممىۋى ۋە مەھەللە مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۇسسۇل بايرىمىنى كىشىلەرنى جەم قىلىدىغان خەلق سەنئەت بايرىمىغا ئايلاندۇردى.

  جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيىچە ئۇسسۇل بايرىمى نۆۋەتتە ئېچىلىش ئالدىدىكى تەڭرىتاغ قارلەيلىسىگە ئوخشاش، تېخى يۇمران مايسا بولماقتا. ئەمما دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەلنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتى مۇجەسسىمى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلەرنىڭ پەرۋىشى ئاستىدا، ئۇ چوقۇم پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئاسىيا مەركىزىدىكى خۇشپۇراق ھېدى دۇنياغا چېچىلغان، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بىر – بىرىدىن سۆسن تالىشىدىغان گۈلگە ئايلانغۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر