- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۇيغۇرلارنىڭ ئات قويۇش مۇراسىمى
2013.05.14 13:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۇغۇلغان بالىغا ئات قويۇش ئادىتى (ۋاقىت مەزگىلى ، شەكلى ۋە مەزمۇنى جەھەتلەردە )ھەرقايسى مىللەتلەردە پەرىقلىق بۇلىدۇ.ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇغۇلغان بالىغا ئات قويۇش رەسمىيىتى ئومۇمەن بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا بېجىرىلىدۇ .
ئات قويۇشتا ئومۇمەن ئۆيگە يۇرت مۆتىۋەرلىرى ، ئىمام ياكى ئاخۇنۇم تەكلىپ قىلىنىدۇ . ئۇلار دادىنىڭ ۋە ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئىسىم تاللانغاندىن كېيىن ئەرزان چىللاپ ئات قويۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ ۋە يېڭى ئىسىم بىلەن بالىنى تەبرىكلەيدۇ . بەزىدە تۇققانلىرى ۋە يېقىن كىشلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىسىم قويۇلىدۇ . يەنە بەزىدە بوۋاقنىڭ چوڭ دادىسى ياكى دادىسى بىۋاستە ئۆزى ئات قويۇش ئادىتىمۇ بار . مەيلى قايسى خىل شەكلىدە ئات يويۇش بولسۇن ، بۇ مۇراسىمغا ئات قويۇش رەسمىيىتىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە بىر قانچە كىشى تەكلىپ قىلىنىدۇ . ئات قويغۇچى تاھارەت ئېلىپ ئالدىنى مېھراپقا قىلىپ جاينامازدا ئولتۇرىدۇ . ئات قويغۇچى ئادەم بوۋاقنى ئىككى قولىدا تۇتۇپ ، ئايەت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ‹‹ ئەرزان چىللاپ قويغان ئىسمىڭىز بولسۇن ››دەپ ، بوۋاقنى ئاۋايلاپ جاينامازنىڭ ئۈستىگە دۇمۇلۇتۇپ ئاندىن دادىنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ . ئات قويغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا مەلۇم سوۋغا تەغدىم قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
ئالاقىدار خەۋەرلەر