ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى (1)
2012.12.14 16:03
پارتىيە18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك
جاڭ چۈنشيەن ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
مۇخبىر فېڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 26–نويابىر كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا پارتىيە 18– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرى ئۈستىدە مەركەزلىك پىكىرلەشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
20–نويابىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ قارارى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىر ھەپتىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆججەتلىرى، دوكلاتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1–ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى رەتلەپ چىقتى. مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ 26–نويابىردىكى ئۆگىنىشى ئەزالارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشى ئاساسىدا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، يىغىننى ئۆگىنىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئۈچۈن ياخشى باشلامچى بولدى.
نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇنلار يىغىندا ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: ئىدىيە–تونۇشنى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە ۋە ئىش–ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدىگەن ئاساستا پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات پىكىر يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پەيتنى پەملەش؛ ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەخت–سائادىتى ئۈچۈن تىرىشىش؛ مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىش؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ زورايتىش؛ مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، دېموكراتىيە–مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەمۇنىچىسى بولۇش كېرەك. جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە