باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>پەن-تېخنىكا& IT

ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچ چېختا مودا بولدى

2012.12.13 15:30         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بىر ياش مېترودا ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇماقتا
  چېخنىڭ ئاممىۋى سورۇنلىرىدا، بىر قىسىم ياشلارنىڭ يانچۇق ئېلېكتىرون ئۈسكۈنىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دەسلەپتە كىشلەر ئۇلارنى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناۋاتىدۇ، بۇنىڭغىمۇ شۇنچە مەستانە بولغان بارمۇ، دېيىشكەنىدى. بىراق كېيىنچە كىشلەر بۇنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ كىچىككىنە ئۈسكۈنىگە ئېلېكتىرونلۇق كىتاب چۈشۈرۈپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلىپ ھەيران قېلىپ، ئۇنى سېتىۋېلىشقان. خەۋەر قىلىنىشچە، ئەپچىل ۋە قولايلىق بولغان ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچ ياشلار ئارىسىدا مودا بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېقىن«ھەمراھى»غا ئايلانغانلىقتىن، 2012-يىلى 7-ئايدا چېخدا ئېلېكتىرونلۇق كىتابنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %43 ئاشقان . بۇنىڭدىن باشقا، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچ ھەمدە كىتاب چۈشۈرۈش باھاسىنىڭ ئىزچىل تۆۋەنلىشى، كىشلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇۋەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە