باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

ئاقسىلدىن زەھەرلىنىش يىغىندى كېسىلى

2012.12.11 16:21        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسىل كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ماددىي ئاساسى بولۇپ، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ بىرىكىشىدىن تەشكىل تاپقان يۇقىرى مولېكولالىق بىرىكمە. مەسىلەن، كاتالىزاتور رولىغا ئىگە ئېنزىم، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا ئىگە ئانتىتېلا، توشۇش رولىغا ئىگە قان پلازما ئاقسىلى، ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇسكۇل ئاقسىلى، بىيولوگىيەلىك پەردە تۈزىلىشىگە ئىگە ئاقسىل قاتارلىقلار ئادەتتە ئاقسىلدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئەگەر ئاقسىل كەمچىل بولسا، ساغلاملىققا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئەمما كىشىلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ مىقداردىكى يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ‹‹ئاقسىلدىن زەھەرلىنىش يىغىندى كېسىلى››نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىل بەدەندىكى ھەر خىل ئاقسىلنى ھەزىم قىلغۇچى ئېنزىملارنىڭ پارچىلىشى ئارقىسىدا سۈمۈرۈلۈشچان ئامىنو كىسلاتالىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئادەم تىنىدە ئارتۇق مىقداردا ئاقسىل بولغاندا، بىر قىسمى توقۇلما ئاقسىلى بولۇپ بىرىككەندىن باشقا، ئارتۇق مىقداردىكى قىسمى قەنت ۋە مايلارغا ئايلىنىپ بەدەندە زاپاس ساقلىنىدۇ ياكى جىگەر تەرىپىدىن ئورېياغا سىنتېزلىنىپ (پارچىلىنىپ) بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندە بىنورمال ئۆزگىرىشلەر كۆرۇلمەيدۇ. ئەمما جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىز بالىلار ياكى ياشانغانلار ناۋادا كۆپ مىقداردىكى يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۇشكە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاقسىل ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە، كۆپ مىقداردىكى ئاممىياك تەركىبلىك توكسىنلارنى پەيدا قىلىپ، قاندىكى ئاممىياك مىقدارىنىڭ توساتتىن يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم مېڭە توقۇلمىلىرىغا كېڭىيىپ، مېڭە توقۇلمىلىرىدىكى ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ناۋادا كىشىلەر ئاقسىلدىن زەھەرلىنىپ نىسبەتەن ئۇزاقراق ۋاقىت ئاچ قورساق يۈرۈپ، كېيىن بىراقلا كۆپ مىقداردا غىزالانغاندا، يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەندە كۆپ مىقداردا يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاقسىلدىن زەھەرلىنىشتە، يېنىكرەك بولغاندا قۇسۇش، باش قېيىش، قورساق مۇجۇپ ئاغرىش، قورساق كۆپۈشتەك ئالامەتلەر، ئېغىرراق بولغاندا ھوشىدىن كېتىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىر قىسىم بەدىنى ئاجىز، كېسەلچان كىشىلەر ياكى تۇغۇتلۇق ئاياللار كۆپ مىقداردا تۇخۇم ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، بەدىنىنى كۈچلەندۈرمەكچى بولىدۇ. ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنىڭ ئۈنىمى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ، ھەتتا ئەكسى تەسىر پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، قورساق چىڭقىلىش، باش قېيىش، پۇت–قولى ماغدۇرسىزلىنىش، ئېغىرراق بولغاندا، ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىرقى مېدىتسىنا ئىلمى بۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ‹‹ئاقسىل يىغىندى كېسىلى›› دەپ ئاتىماقتا. بەدىنى ئاجىز، كېسەلچان كىشى ياكى تۇغۇتلۇق ئاياللاردا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان–ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئادەتتە نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا ئاجىزراق بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا، كۆپ مىقداردا تۇخۇم ئىستېمال قىلغاندا، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇخۇمنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندە ئاقسىل مىقدارى يۇقىرىلاپ كېتىپ، ئۈچەي يولىدا بىنورمال پارچىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆپ مىقداردا ئاممىياك ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئاممىياك زەھەرلىك بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقىدا ئېرىگەندە بەدەنگە زىيان سالىدۇ. بەزىدە ھەزىم قىلىنىپ بولمىغان ئاقسىل ئۈچەي يولىدا چىرىپ، گىدروكسىل، فېنول، ئىندول قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنداق خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان زىيانلىق تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولغاچقا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ‹‹ئاقسىل يىغىندى كېسىلى››نىڭ پاتولوگىيەلىك ئىپادىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

  بەدەننىڭ ئاقسىلنى ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارى نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا، ئادەتتە كىشىلەر ھەر كۈنى ئىككىدىن ئۈچكىچە تۇخۇم ئىستېمال قىلىپ بەرسە مۇۋاپىق بولىدۇ.

  مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە