باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>پەن-تېخنىكا& IT

Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى

2012.12.13 14:12        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ لىدىرى ئالىم ئەھەت بۈگۈن ئۆزىنىڭ شەخسى بىلوگىدا، Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ دېمەك ، Windows 8 دە ئاددىيلا بىر تىل تاللاش مەشغۇلاتى ئارقىلىق پۈتۈن سىستېما ئارا يۈزىدە پۈتۈنلەي ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆرسىتىش ۋە سىستېما ئىچكى يادروسىدىن باشلاپ ھەرقانداق بىر سىستېما ئۇچۇرىغىچە ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەل قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  PC، تاختا كومپيۇتېر ۋە يانفوندىن ئىبارەت ئۈچ سۇپىدا ئوخشاش بىر سىستېما يادروسى ئىشلىتىپ، بۈ ئۈچ خىل سۇپا ئارىسىدا شەرتسىز مۇكەممەل قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ۋە سىستېما بايلىقىنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش دەپ تەرىپلىنىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 8 گە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورگان تىلى سۈپىتىدە كىرگۈزۈلىشى ئۇيغۇر تىلى يىللىقىنى غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  Microsoft شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلاشقۇچىسى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر تىلى بولىقىنى ئىشلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. Microsoft شىركىتىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن، Microsoft نىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل يۇقىرى قاتلام خادىمى بۇ ئىش پۈتۈنلەي Microsoft تەلەپ قىلغان سۈپەت بىلەن تاماملانغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسلى پىلاندىكى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلان قىلىشتىن بالدۇر ئېلان قىلىنىغانلىقىنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا Windows 8 نىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنىڭ نىسبەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە