باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>پەن-تېخنىكا& IT

فىرانسىيەدە نۇر چاچىدىغان يېڭىچە رەخت تەتقىق قىلىپ ئىشلەندى

2012.12.12 13:41         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كۆك نۇر چاچىدىغان رەختتىن تىكىلگەن كىرلىك
  چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا فىرانسىيەدىكى بىر شىركەت يېڭىچە بىر خىل تېخنىكىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق رەختتىن رەڭگارەڭ نۇر تاراتقىلى بولىدىكەن، بۇ خىل رەختتىن تىكىلگەن كىرلىكتىن قاراڭغۇ كېچىدە خۇددى خىيالىي دۇنيادىكىدەك كۆك نۇر تارىلىدىكەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ خىل يېڭىچە تېخنىكا ئەنئەنىۋى نېئون لامپا ياكى LED نۇر چېچىش تېخنىكىسىغا ئوخشىمايدىكەن. ئۇ ئىشلەپچىقارغان ئاجىز نۇر رەختنىڭ ئۆزىدىن كېلىدىكەن، بىراق ئۇ يەنىلا باتارېيە ئارقىلىق توك تەمىنلەشكە موھتاج ئىكەن.

  بۇ شىركەت بىلدۈرۈشىچە: بۇ خىل رەختتىن تىكىلگەن كىرلىك، ياستۇق، پەردە قاتارلىقلار قىزىپ كەتمەيدىكەن، ئادەم بەدىنىگىمۇ خەۋپ يەتكۈزمەيدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل رەختتىن تىكىلگەن كىرلىكنىڭ باھاسى ئەرزان ئەمەس ئىكەن، بۇ يۈرۈش كىرلىكنىڭ باھاسى تەخمىنەن 320 پۇند (تەخمىنەن 3200 يۈەن) ئىكەن.
ھال رەڭ نۇر چاچىدىغان رەختتىن تىكىلگەن پەردە

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە