باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>تۇرمۇش

ئىسسىق سۇدا يۈز يۇيۇش تېرىنى تېز قېرىتىۋېتىدۇ

2012.12.10 16:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىش پەسلىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئىسسىق سۇدا يۈز يۇيۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق بۇنداق قىلىش تېرىنى ئاسانلا قېرىتىۋېتىدۇ. جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەكىل تۈزەش دوختۇرخانىسى يۈز قىسىم شەكىل تۈزەش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جاڭ خەيمىڭ مۇنداق دەيدۇ : ئىسسىق سۇدا يۈز يۇيغاندا يۈز قىسمىدىكى ئېپىدېرما ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلىنىدۇ. بۇنى گەرچە ئانچە روشەن ھېس قىلغىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىق سۇدا يۈز يۇيغاندا ئىسسىق سۇنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن، ئېپىدېرمىدىكى قىل قان تومۇرلار تېز كېڭىيىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تېرە بوشىشىپ ئاسانلا قورۇق پەيدا بولىدۇ– دە ، تېرە ناھايىتى تېز قېرىپ كېتىدۇ .

  بەك سوغۇق سۇدا يۈز يۇيۇشمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس . ئېپىدېرمىدىكى كىچىك ۋېنا سوغۇققا ئۇچرىغاندا تارىيىپ ، ئوزۇقلۇق ئېپىدىرما ھۈجەيرىسىگە توشۇلۇشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ ، تېرىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېرە سوغۇققا ئۇچرىسا تېرە ئاستى كوللاگېنى نېپىزلاپ ، ئېلاستىك تالا ئۇزىرايدۇ . بۇنىڭ تېرىگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ .

  شۇنىڭ ئۈچۈن يۈزنى يۈز تېمپېراتورىسىغا يېقىن كېلىدىغان سۇدا يۇيۇش ئەڭ مۇۋاپىق .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە