باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

بۆرەك زەئىپلەشكەننى بىلەي دېسىڭىز، سەككىز نۇقتىغا قاراڭ

2012.12.10 16:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۆرەك ساغلاملىقى ئادەمنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ساغلام بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بۆرەك زەئىپلەشسە ئادەمدە بىرقاتار قېرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەندىكى ئالامەتلەرگە ئاساسەن بۆرىكىڭىزنىڭ زەئىپلەشكەن- زەئىپلەشمىگەنلىكىنى، زەئىپلەشكەن بولسا قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ كۆرۈڭ. ئەگەر سىزدە بۇ ئەھۋاللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مەۋجۇت بولسا، بۆرىكىڭىزنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنى، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  1. بەل، تىز ماغدۇرسىزلىنىش. بېلىڭىزنى ئېگىپ ئۇزاقراق تۇرسىڭىز ياكى ئازراق ھەرىكەت قىلسىڭىزلا بەل، غولىڭىز تېلىپ ئاغرىسا؛ ئۇزاقراق ئۆرە تۇرسىڭىز، پۇتىڭىز ئاغرىسا؛

  2. چاچ چۈشۈش. ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا، ياستۇققا نۇرغۇن چېچىڭىز چۈشۈپ قالغان بولسا؛

  3. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش. بۈگۈنى ئويلاپ قويغان ئىشىڭىزنى ئەتىسى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئېسىڭىزگە ئالالمىسىڭىز؛

  4. ھەيز قالايمىقانلىشىش. ھەيز ناھايىتى تەرتىپسىز كەلسە، ھەر قېتىم كېلىش ۋاقتى ئالدىغا ياكى كەينىگە بىر ھەپتىدىن ئارتۇق سۈرۈلۈپ كەتسە، ھەيز مىقدارى بەك ئاز ياكى بەك كۆپ بولسا، ھەيز ۋاقتى ئۇزۇن بولسا، ھەتتا ھامىلىدار بولالمىسىڭىز؛

  5. جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش. يولدىشىڭىز جىنسىي تەلەپ قىلغاندا ھەمىشە چارچاپ ھالىڭىزدىن كەتسىڭىز، جىنسىي تۇرمۇشقا زادى ئىنتىلمىسىڭىز، يولدىشىڭىزدا ھەتتا سىرتتا ئاشنىسى بار ئىكەن، دېگەن گۇماننى پەيدا قىلغان بولسىڭىز؛

  6. كۆز ئەتراپى قارىداش ۋە كۆز خالتىسى پەيدا بولۇش. ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئەينەككە قارىغىنىڭىزدا، كۆزىڭىز بېلىقنىڭ كۆزىدەك پولتىيىپ قالغان بولسا، كۆزىڭىزنىڭ ئەتراپى قارىداپ، كۆز خالتىسى پەيدا بولغان بولسا، دائىم كۆزىڭىز ئاغرىسا، كۆزىڭىز تورلىشىپ نەرسىلەرنى روشەن كۆرەلمىسىڭىز؛

  7. ئۇيقۇسىزلىق. كېچىسى ياخشى ئۇخلىيالمىسىڭىز، ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ توختىماي چۈش كۆرسىڭىز، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولمىسا؛

  8. كىچىك تەرەتتە مەسىلە كۆرۈلۈش. كېچىسى كۆپ سىيىپلا قالماي، كۈندۈزىمۇ پات–پات كىچىك تەرەت قىلسىڭىز (بۆرەك مۇسبەت زەئىپلىشىش) ياكى كىچىك تەرىتىڭىز ئاز، رەڭگى سېرىق بولسا (بۆرەك مەنفى زەئىپلىشىش).

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە