- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تۇنجى نۆۋەتلىك شەندوڭ ماشىنا ئادەم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
2012.12.13 14:17
يېقىندا، 2012-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك شەندوڭ ماشىنا ئادەم كۆرگەزمىسى چىڭداۋ ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پەن-تەتقىقات ئورگانلىرى، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى، ۋەكالەتچى سودىگەرلەردىن بولۇپ جەمئىي 70 تىن ئارتۇق ئورگان ھەرخىل ماشىنا ئادەملەرنى بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى. ماشىنا ئادەملەرنىڭ تۈرى سانائەت ماشىنا ئادىمى، مۇلازىمەتچى ماشىنا ئادەم، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ماشىنا ئادەم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ كۆرگەزمە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ماشىنا ئادەم ساھەسىدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايەن قىلدى ۋە نۇرغۇن ماشىنا ئادەم ھەۋەسكارلىرىنى جەلب قىلدى.
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە