باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى
2012.12.14 16:03    
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  پارتىيە18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 26–نويابىر كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا پارتىيە 18– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرى ئۈستىدە مەركەزلىك پىكىرلەشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  20–نويابىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ قارارى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىر ھەپتىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆججەتلىرى، دوكلاتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1–ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى رەتلەپ چىقتى. مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ 26–نويابىردىكى ئۆگىنىشى ئەزالارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشى ئاساسىدا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، يىغىننى ئۆگىنىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئۈچۈن ياخشى باشلامچى بولدى.

  نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇنلار يىغىندا ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: ئىدىيە–تونۇشنى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە ۋە ئىش–ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدىگەن ئاساستا پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات پىكىر يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پەيتنى پەملەش؛ ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەخت–سائادىتى ئۈچۈن تىرىشىش؛ مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىش؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ زورايتىش؛ مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، دېموكراتىيە–مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەمۇنىچىسى بولۇش كېرەك. جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدا بايراق روشەن ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي لىنىيە ھەم پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى. ئۆگىنىش جەريانىدا ‹‹بەشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز›› يەنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇزاق ئەمەلىيەت جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن تۈپ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ يول، نەزەرىيە سىستېمىسى، تۈزۈمدىن ئىبارەت ئۈچ گەۋدىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئومۇمىي دەلىلى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى، ئومۇمىي ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساسىي تەلەپنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز؛ پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىلمىي مەزمۇنىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچىمىز، نەزەرىيە ئىشەنچىمىز ۋە تۈزۈم ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى تەلەپ ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇ–ئۈمىدلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، بايراق ئارقىلىق يۆنىلىشنى يېتەكلەپ، يول ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلتاي روھى ئارقىلىق جەڭگىۋارلىققا مەدەت بېرىپ، نىشان ئارقىلىق كۈچلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. 18–قۇرۇلتاي روھىنى ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت ئىناقلىقى، تەرەققىياتى ئاساسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر مىللەت خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئاساسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئاپتونوم رايوننى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئاپتونوم رايوننى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، تەدبىرلەرنى ھەر تەرەپلىمە يولغا قويۇش ئاساسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھات قىلىش، زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش ئاساسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، خەلقنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ماس كېلىش ئاساسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، جەمئىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق 18–قۇرۇلتاي روھىنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەش باشتىن–ئاخىر›› دا چىڭ تۇرۇش، ‹‹بەش كۆرۈنەرلىك بولۇش›› ۋە ‹‹بىرگە كاپالەتلىك قىلىش›› چىڭ تۇرۇش كېرەك. چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت ۋە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تىرىشىپ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇزاق ئەمىنلىك خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، ھەر مىللەت خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى  

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ----
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved