چىڭداۋدا بىر توپا توشۇش ئاپتوموبىلى كونتروللىقىنى يوقىتىپ، ئارقا-ئارقىدىن 7 ئاپتوموبىلنى سوقۇۋەتتى، ئاپتوبۇس لايدا كۆمۈلۈپ قالدى، دالا ئاپتوموبىلى مىجىلىپ كەتتى.
خەلق تورىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 25-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سائەت 4:50 مىنۇت ئەتراپىدا، چىڭداۋدا تاش-توپا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل شاۋشىڭ يولىنى بويلاپ، دۇنخۇا يول ئېغىزىغا كەلگەندە، شوپۇر تۇيۇقسىز تورمۇزنىڭ كونتروللىقىنى يوقاتقانلىقىنى بايقىغان، ئوڭ تەرەپتىكى پىيادىلەر يولىدا 20دىن ئارتۇق ئادەم كېتىۋاتاتتى، شوپۇر رولنى سول تەرەپكە بۇراپ،ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىكى تۆپىلىككە قاراپ ماڭغان، ئارقىدىنلا 309 –يول كوچا ئاپتوبوسى بىلەن سۈركىلىپ، ئۆرۈلۈپ كېتىپ، يول بويىدىكى بىر دالا ئاپتوموبىلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، 308-يول كوچا ئاپتوبوسىغا يۆلىنىپ قېلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش كىرانىنى سوقۇپ ئۈزۈۋېتىپ، مەلۇم ئارىلىققا سىيرىلىپ بېرىپ، ئالدىدىكى تۆت ئاپتوموبىلغا ئارقا-ئارقىدىن سوقۇلغاندىن كېيىن ئاندىن توختىغان
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، چىڭداۋ شەھەرلىك ج خ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە 1-ئەترىتىنىڭ 30 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ۋە بەش ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى نەق مەيدانغا يېتىپ كىلىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ئىككى كىران چوڭ يۈك ماشىنىسنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى دەرھال ئاپتوموبىللارنى چۇۋۇشقا كىرشىتى، ئەمما دالا ئاپتوموبىلى ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان 63 ياشلىق شۈ ئەپەندىم ئېغىر يارىلانغانلىقتىن قازا قىلغان.
مەنبە: خەلق تورى