باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەر ئولتۇرۇشلۇق رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ

2013.02.25 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:سۇچىلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنى يۆلەشنىڭ 2011- يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات پىلانىدىكى ۋەزىپە تەقسىمات لايىھەسىنى يولغا قويۇش پىكرىنى بېسىپ تارقاتتى. پىكىردە كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر ھەققىدە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  1.پىلانلانغان رايوندا سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا كىچىك دەريا ئېقىنلىرىنى تۈزەش، تاغ كەلكۈنى گېئولوگىيە ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش، يېزا دەريالىرى سۇ سىستېمىسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، سۇ، ئاپەتتە بۇزۇلۇپ كەتكەن سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خېيىم خەتىرىنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەپ، سۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىپ، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىپ، يېزىلارنىڭ سۇ چىقىرىش، دەريالارنى ئوڭشاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  2.پىلان رايونىدىكى يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسلىسىنى ھەل قىلىپ، سۇغۇرۇش رايونلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش بىلەن سۇ تىجەشكە ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېتىزلاردىن سۇ چىقىرىش، سۇغۇرۇش، بىنەم تېرىقچىلىقىدا سۇ تىجەش، ئوتتۇرا تۆۋەن مەھسۇلاتلىق ئېتىزنى ئۆزگەرتىش ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يەم خەشەك قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىدا ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن ياردەم بېرىش كېرەك.

  3. پىلان رايونىدا سۇ تۇپراقنى ساقلاشقا مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىغىللىشىپ كېتىشنى ئۇنۋېرىسال تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەش لازىم.

  4.پىلان رايونىدا يېزا سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تىزلىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە