- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چېن شۈيبيەن ئەر-ئايالغا 20 يىللىق قاماق جازاسى ئىجرا قىلىندى
6 يىلدىن كېيىن شەرتلىك قويۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن
2013.02.25 16:55 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-فېۋرال بەرگەن خەۋىرى، تەيۋەن «جۇڭگو ۋاقتلىق گېزىتى»نىڭ خەۋەر بېرىشىچە، تۈرلۈك دېلولار چىرمىۋالغان تەيۋەن رايونىنىڭ سابىق رەھبىرى چېن شۈيبيەن، ۋۇ شۇجېن ئەر-ئايال يۈەندا گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورىدىن 200 مىليون يۈەن پارا يېيىش دېلوسى، شۇنىڭدەك لۇڭتەن يەر سېتىۋېلىش دېلوسى ۋە ئەمەل سېتىۋېلىش دېلولىرى بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، 22-فېۋرال يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بۇ دېلولارغا بىراقلا كېسىم چىقىرىپ، چېن شۈيبيەن، ۋۇ شۇجېنلارغا كونا قانۇن بويىچە مۇددەتلىك 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 250 مىليون يۈەن، 200 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە