باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>بىلىم ــ كۈچ

Wi-Fi سىگنالىدا توك تارقىتىشقا بولىدۇ

2013.11.14 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  Wi-Fi سىگنالىدا تورغا چىقىشتىن باشقا ئۇنىڭ يەنە چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى بار. دۇكې ئۇنىۋېرستېتى قۇرۇلۇش فاكۇلتىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىر قىسىم ئەرزان باھالىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ مىكرو دولقۇنلۇق سىگنالنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئېلىكتېر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان قۇرۇلمىنى ياساپ چىققان.

  پەقەت سىمسىز سىگنال تارقاتقىلى بولىدىغان مەنبە بولسىلا ئېلىكتېر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، مەسىلەن ، سىمسىز روتىر، تېلېفۇن سېگنال مۇنارى، ھەتتا بوشلۇقتا ئايلىنىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى پايدىلىنىش مەنبەسى قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل قۇرۇلمىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت پايدىلىنىدىغان ئايلاندۇرۇش مەنبەسى ئوخشىمايدۇ.

  تەتقىقاتچىلار نەچچە پارچە ئەينەك تالا ۋە مىس سىمنى ئۆتكۈزگۈچ قىلىپ، بىر توك يولى تاختىسى ياساپ چىققان بولۇپ، مىكرو دولقۇنلۇق سىگنالنى بېسىمى 3.7 ۋولت بولغان ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرغان. ئۇلار بېسىمى تېخىمۇ يۇقىرى ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشنى دداۋاملىق تەتقىق قىلماقچى. گەرچە بۇ پەقەت تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات تېمىسى بولسىمۇ، ئەمما تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى كەلگۈسىدە بۇخىل قۇرۇلمىنى تېخىمۇ كىچىك قىلىپ ياساپ، ئاندىن ئۇنى يانفۇن ئىچىگە ئورنىتىپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، Wi-Fi سىگنالى ۋە تېلفۇن سىگنالىدىن يانفۇنغا توك قاچىلاشقا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر