باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسلاھات بايرىقى جۇڭگو يولىدا جەۋلان قىلسۇن

2013.11.13 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1978-يىلىدىن بۇيانقى ھەر قېتىملىق 3-ئومۇمىي يىغىن ئىسلاھاتتىكى تارىخىي ماياكتۇر. ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى يېڭى تارىخىي پەللىگە چىقتى.

  بۇ قېتىمقى يىغىن ئېلىمىز ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى مۇھىم باسقۇچىدا ئېچىلغان مۇھىم يىغىن بولدى. يىغىندا يولداش شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى پارتىيەمىزنىڭ دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىسى ۋە ئاساسىي تەلىپىدە باشتىن-ئاخىر قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرگەنلىكىنىڭ تەنتەنىلىك جاكارى ۋە مۇھىم نامايەندىسى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە سەپەرۋەرلىكى، شۇڭا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  يىغىن پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بەردى ۋە بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئېغىر ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسىي مۇقامىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ باراۋەر بەھىرلەندۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىرىنچى يىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر