باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

71 ياشلىق بوۋاي ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس تىڭشاپ، كېلەر يىلى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرمەكچى

2013.11.18 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دائىم ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ دەرس تىڭشىغاچقا، 71 ياشلىق كوۋ شۆدوڭ «مائارىپ زومىگىرى» دەپ ئاتالدى. ئۇ ئۆزى ئىمتىھان بېرىپ، قانۇن مەخسۇس كۇرس دىپلومى ئالدى، ئەمدى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن دەرس ئاڭلىماقتا.

  ئۇنىڭ نەسەبى داليەندىن بولۇپ، 18 يېشىدا خاربىن مەخسۇس كۇرس مەكتىپىنىڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتېر ئۈسكۈنىلىرى كەسپىگە ئۆتكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ۋۇخەنگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان، پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا ئۇ خۇبېي ئۆلكىسى خېرىدار چاقىرىش-نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەن.

  2009-يىلى ئۇ 67 يېشىدا ئىمتىھان بېرىپ، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىنىڭ دىپلومىنى ئالغان. 2014-يىللىق ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشتا ياش چەكلىمىسى بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كوۋ شۆدوڭ ئىنتايىن خوشال بولغان بولسىمۇ، بىراق چەتئەل تىلى ئۇنىڭغا بىر توسۇق بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالايىتەن ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپرانتلار ئىنىستىتۇتىغا بېرىپ، 70 ياشتىن ئاشقانلار ئىمتىھانغا تىزىملاتسا «نومۇر ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى» بار-يوقلۇقىنى سورىدى. بىراق ئۇ «ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى ھەممە تىزىملاتقۇچىلارغا ئوخشاش قارايدۇ» دېگەن جاۋاپقا ئېرىشتى. ئۇ بىر يىل چەتئەل تىلىنى راسا تەكرار قىلىپ، كېلەر يىللىق ئاسپرانتلار ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر