باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شائىر توختى قاسىم خۇشال ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 60يىللىقى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى (1)

2013.11.19 16:32   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شائىر توختى قاسىم خۇشال ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 60يىللىقى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى (1)

  يېقىندا ، ئۆمۈر مۇساپىسى 78 داۋاندىن ئاشقان ، قولىدىكى قەلىمىنى 60 يىلدىن بۇيان توختاتماي تەۋرىتىپ كەلگەن پېشقەدەم شائىر توختى قاسىم خۇشالنىڭ 60 يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى . مايتاغ نېفىت-خىمىيە سانائىتى شىركىتى زاۋۇت رايونىنىڭ رەھبەرلىرى ، قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ، قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مايتاغ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەۋەسكارلىرى ، شائىرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ، ئۇرۇغ-تۇغقان ۋە دوست بۇرادەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا توختى قاسىم خۇشالغا تون كىيگۈزۈلۈپ ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، قاراماي يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئالاقىدار مەتبۇئات ، نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ تەبرىك خەتلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى . قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن كەلگەن مېھمانلار شائىرنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى . يىغىندا يەنە توختى قاسىم خۇشال ئەسەرلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمە ماقالىلار ئوقۇلۇپ ، توختى قاسىم ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي قىممىتى ، قەلىمىدىكى ئىزچىللىق ، تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى .

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…
      ·يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ 
      ·ئەنئەنىۋىي بالىلار ئويۇنى 
      ·مائارىپ ئىسلاھاتى تېخىمۇ ئادىل نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
      ·21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسى…
      ·ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ قىزىنىڭ يېرىم يالىڭاچ سۈرىتى ئاشكارىلاندى(1)
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئون ياخشى›› تور بېكىتى دېگەن نامغا ئېرىشتى 
      ·«ۋېن جياباۋ: مائارىپ توغرىسىدا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىپ تارقىتىلدى