باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قابا ناھىيەسىدىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن سۇ ئېقىپ كېتىپ، 7000 دىن ئارتۇق ئاممىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى

2013.11.19 16:29        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17-نويابىر سائەت 17:30 ئەتراپىدا ، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ ‹‹ شىنخۇا ›› جىلبۇلاق سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سۇ قويۇپ بېرىش يولى قاپقىقى بۇزۇلغانلىقتىن ، سۇ چىقىپ كېتىپ ، قابا دەرياسى ۋادىسىدىكى 7000 دىن ئارتۇق ئاممىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن . شۇ كۈنى كەچتە ، يەرلىك ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى بىخەتەر جايغا يۆتكىگەن ، بەختكە يارىشا ئۆلۈش ، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن .

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ، قابا ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش-جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئىشقا سېلىپ ، قابا دەرياسى ۋادىسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى تېزلىكتە تارقاقلاشتۇرغان . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ ، يەرلىكتىكى پارتكوم ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە يۆتكەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى .

  شۇ كۈنى كەچتە ، يەرلىكتىكى پارتىيەلىك كادىرلار ، يەرلىكتە تۇرۇشلۇق قىسىملار ، خەلق ئەسكەرلىرى ، قوراللىق ساقچى قىسىم ، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، ئاممىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ ، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنى ئىشقا سېلىپ ، سۇنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان . 18-نويابىر سەھەر سائەت 2:00 دە ، سۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا تىزگىنلەنگەن . نۆۋەتتە ، يەرلىكتىكى تارماقلار ئاپەتنىڭ قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، 24 سائەت دىجورنىلىك ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى قەرەلسىز مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر