باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق قوي، كالا بورداقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2013.11.19 16:31         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17-نويابىر ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورگان تورىدا ‹‹ كالا-قوي بورداقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر ›› ئېلان قىلىنىپ ، ئاپتونوم رايون يىلىغا 800 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ ، كالا-قوي بورداقچىلىق كەسپىنى قوللايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان . ‹‹12-بەش يىل ›› لىق پىلاننىڭ ئاخىرىدا ، شىنجاڭنىڭ قوي ، كالا گۆشى مەھسۇلات مىقدارى بىر مىليون 100 مىڭ توننىغا يېتىشى مۇمكىن . بۇ مەزگىلدە ، پۈتۈن شىنجاڭدا 10 مىليون تۇياق بورداق قوي قوتاندىن چىقىرىلىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن قوتاندىن چىقىرىلىدىغان بورداق قوينىڭ سانى 400 مىڭ تۇياققا يېتىدۇ .

  ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 800 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ ، قوي ، كالا بورداقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئىشلىتىدۇ .

  18-نويابىر، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ‹‹قوي ، كالا بورداقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر›› نى ئېلان قىلىپ ، مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش ، بورداق قوي ، بورداق كالا گۆشى مەھسۇلات مىقدارى ۋەزىپىسى ، مالىيە تولۇقلىمىسى ۋە بېقىش خېيىم-خەتىرى كاپالىتى قاتارلىق كۆپ خىل تەرەپلەردىن ئاپتونوم رايوننىڭ قوي ، كالا بورداقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى .

  ‹‹ پىكىر ›› دە مۇنداق بېكىتىلدى : ‹‹12-بەش يىل ›› لىق پىلاننىڭ ئاخىرغىچە تىرىشىش دېمەك ـــ 2015-يىلىغىچە تىرىشىش دېمەكتۇر ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كالا-قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 2012-يىلىدىكى 840 مىڭ توننىدىن بىر مىليون 100 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈش ، 2020-يىلىغا بارغاندا ، كالا-قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارىنى بىر مىليون 350 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈش .

  ئاپتونوم رايون مالىيەسى تولۇقلىما بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، قوي، كالا بورداقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قەرزى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بەلگىلىمىسىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى قەرز تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە بېجىرىلىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر