باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز مالىيەسى 4 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەدەنىيەت كەسپىگە مەدەت بەردى

2013.11.19 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەزنىڭ مەدەنىيەت ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2013-يىللىق مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن 4 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلىنىشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، بۇ مەبلەغ نىسبىتى 2012-يىلدىكىدىن %41.18 كۆپەيدى.

  مەركەز مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەخسۇس تۈر مەبلىغىدە، دۆلەتنىڭ «12-بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى تىزىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، تايانچ مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، زامانىۋى مەدەنىيەت كەسپى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە كاپىتالى بىلەن مەدەنىيەت بايلىقىنى تۇتاشتۇرۇش، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش قاتارلىق ئالتە چوڭ تەرەپنى مەركەزلىك قوللايمىز. (مۇخبىر لى لىخۇي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر