باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندا 15 ئايلىق قىز بوۋاققا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىندى

2013.11.19 19:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى، تەيۋەن دوڭسېن ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان يېڭى دېھلىدا 15 ئايلىق بىر قىز بوۋاق 15-نويابىر باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان، باسقۇنچىلىق قىلغۇچى بىرلا ئادەم ئەمەس ئوخشايدۇ. قىز بوۋاقنىڭ ئانىسى قىزىنى ئوفېتسىرنىڭ مالىيىنىڭ ياتىقىدا يالغۇز قويۇپ، ئۆزى يۇقىرى دەرىجىلىق ھاۋا ئارمىيە ئوفېتسىرلىرىنىڭ ياتىقىغا ئىشلەمچىلىككە كەتكەنىكەن، قايتىپ كېلىپ قىزىنىڭ تۆۋەن تېنىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. مالاينىڭ ياتىقىغا ئالدى ۋە كەينى تەرەپتىن كىرگىلى بولىدىغان بولۇپ، قىز بوۋاقنىڭ ئانىسى شۇ جاي ۋاقتى 15-نويابىر چۈشتىن كېيىن 4تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ياتاقتىن چىقىش ئالدىدا پەقەت ئالدى ئىشىكنى قۇلۇپلىغان ئىكەن. ساقچى تەرەپنىڭ ئۇچۇر مەنبەسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، قىز بوۋاققا ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم باسقۇنچىلىق قىلغان، ئالىي ساقچى خادىملار كونكرېت تەپسىلاتلار دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ئېنىق بولىدۇ، دېگەن.

  خەۋەردار كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، گۇماندار جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۆسمۈر ئىكەن، ساقچى تەرەپ 30 ياشلىق ئەر جيېگېنى رەسمىي قولغا ئاپتۇ. ئۇ قىز بوۋاقنىڭ ئانىسى چىقىپ كېتىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن مالايلار ياتىقىغا كىرىپ كېتىپ، ئىچىدە تەخمىنەن 40 مىنۇت تۇرغان.

  قىز بوۋاقنىڭ ئانىسى قايتىپ كېلىپ، قىزىنىڭ تۆۋەن تېنىدىن قان چىقىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى سافۇداجا دوختۇرخانىسىغا ئاپارغان، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە باسقۇنچىلىق قىلىنغانلىقى ئىسپاتلانغان، كېيىن بالىلار كېسىلى بۆلۈمىگە يۆتكەلگەن. دوختۇرلار قىز بوۋاقنىڭ ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ئاندىن ساقىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر