باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى

ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

2013.11.19 08:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پىلان تۈزۈلدى، بۇرغا چېلىندى. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى مەزگىلدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى ۋە يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى.

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا دائىر مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئۆزگەرتىپ، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەقسىتىدە 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا دائىر مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئىسلاھاتنىڭ چېكى بولمايدۇ. جايلار، تارماقلار يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىلاشتۇرۇش، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئۆگىنىش – ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى تېزدىن قوزغاپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش يولى. كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلىشىش دولقۇنى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشتىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن تەرەققىيات يولىنى يارىتالايدۇ. شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، ئاساسى ئاجىز، قۇرۇلمىلىق زىددىيەت گەۋدىلىك، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بىر قەدەر زور پەرقى بار؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش ئادەتتىن تاشقىرى مۇرەككەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك، كەسكىن كۈرەش مەۋجۇت. دۆلەت ئىچى – سىرتىدا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تەييار جاۋابى ۋە ئۈلگە قىلىدىغان تەجرىبە يوق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، شىنجاڭنىڭ خاس بايلىق ئەۋزەللىكى، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ۋە كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئەمەلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ زور پايدىسىنى يارىتىپ، ھەر خىل زىددىيەت ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم تارىخىي پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى شارائىت ۋە مۇساپىدە ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاشتىكى مۇقەررەر تاللاش. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى ئەمەلىيەتلەر ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ قىز – ئوغلانلىرى زىددىيەتكە توغرا قاراپ، ساقلاپ تۇرماي، يۆنىلىۋالماي، سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئىچكىرىنىڭ پىشقان تەجرىبىلىرىدىن ئىلمىي ئۆرنەك ئېلىپ، يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى توپلاپ، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى كۈنسېرى يېڭى قىياپەتكە كىردى. ئەمەلىيەت ئىسلاھات بولمىسا يول بولمايدىغانلىقىنى، ئىسلاھاتنىڭ ئۈمىد ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ۋە داۋاملىق ئىسپاتلايدۇ. زىددىيەتلەر قانچە كۆپ، قىيىنچىلىقلار قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە كۈچەپ ئىسلاھات قىلىپ، شۇنچە ئىزدىنىپ يول تېپىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشتىكى مۇقەررەر تاللاش. ئىسلاھاتنىڭ خەۋپى بولىدۇ، ئەمما، ئىسلاھات قىلمىغاندا تېخىمۇ چوڭ خەۋپ تۇغۇلىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ۋەزىيەت ئالدىدا بىز تېخىمۇ زور ئەقىل – پاراسىتىمىز بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز، تېخىمۇ زور ئىرادە بىلەن ئىدىيەمىزدىكى توسالغۇلارنى، مەنپەئەت چەمبىرەكلىرىنى بۇزۇپ تاشلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، شىنجاڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى مەنزىلگە ئۈزلۈكسىز يېتەكلىيەلەيمىز.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى لايىھەسى، يېڭى ئارزۇسى، يېڭى نىشانىنى ئەمەلىي ئىشلەش، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىقلا رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا تۈزۈلگەن پارلاق لايىھە، ھەممە تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقان، رىقابەت كۈچلۈك بولۇۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا بۇرچ، مەسئۇلىيەت، تەخىرسىزلىك ئېڭىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، غەيرەت – شىجائەتكە تولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر