ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: بۇ يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى،ھاۋا خېلىلا سوغۇق ئىدى. يەر يۈزىدە تۆكۈلۈپ ياتقان دەرەخ يوپۇرماقىلىرىنى شىلدىرلىتىپ ئۇچۇرۇپ يۈرگەن كەچكۈز شامىلىنىڭ كۈچىيىپ قالغىنىغا قارىماي، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزا ئاقتىكەن كەنتىدىكى دېھقان بەكرى قايىمنىڭ ئۆيىگە تۆت كىشى كىرىپ كەلدى.
ــــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ـــ كەلگەنلەر سالام بىلەن ئۆي ئىچىگە قەدەم ئالغاندا چىرايىدىن غەمكىنلىك، تەشۋىشلىك ئالامەتلىرىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان بەكرى قايىم بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ئامىنىگۈل روزى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.ـ
ـــ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، مېھمانلار كېلىشسىلە، قېنى يوقۇرىغا ئۆتۈشسىلە.
بۇ تۆت كىشى، ئاددىيلا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان، ئەمما پاكىز، رەتلىك تۇتۇلغان ئۆي ئىچىگە كىرىپ پاتىھە ئوقۇشقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە بەكرى قايىمنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى.ئۇلار ئەسلىدە، بەكرى قايىمنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا يوقۇرى نومۇر بىلەن خېفىي سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان كىچىك ئوغلى ئابدۇغېنى بەكرىگە 2000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە بىر قۇر كىيىم بېرىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا يولغا سالغان يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى«مېھرىبان ئانىلار-ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپى» دىن مېھرىبان ئانا بۈۋىھەجەر يونۇس، مېھرىبان ئانا ئايىمنىسا ئوبۇلقاسىم ۋە مېھرىبان ئاتا ئەنۋەر ئابلەت شەيدائى قاتارلىقلار بولۇپ،بەكرى قايىم ئەر-ئايالنىڭ ئۈچ پەرزەنتىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش جەريانىدا تۇرمۇشتا قېيىنچىلىق تارتىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلاردىن ھال سوراش ئۈچۈن پۇل ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلگەنلەر ئىدى.
ــــ بىزنىڭ ئىككى ئوغۇل، بىر قىز بالىمىز بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 2009-يىلى، 2010-يىلى ۋە بۇ يىل ئارقا-ئارقىدىن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى. چوڭ ئوغلىمىز ئابدۇنەبىجان دالىيەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىغا، قىزىمىز دىلبەر شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ، كىچىك ئوغلىمىز ئابدۇغېنىجان بۇ يىل خېفىي سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، شۇ يەردە ئوقۇۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ ھەممىسىگە ھۆكۈمەت،كارخانىچىلار ۋە يەنە سىلەر جەمئىي 7000 يۈەن ئوقۇش يارىدەم پۇلى بىرىپ يولغا سېلىپ، ئېغىر يۈكىمىزنى يېنىكلىتىپ بەردىڭلار،شۇنداقتىمۇ بىر دېھقان كىشى ئۈچۈن ئۈچ بالىنى بىرلا ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشنىڭ نەقەدەر تەس ئىكەنلىكىنى دېمىسەممۇ سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر. بەكرى قايىم بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئايالى ئامىنىگۈلنىڭ كۆز چاناقلىرىغا لۆممىدە ياش كېلىپ، سىماپتەك لىغىلداپ قالدى. شۇ ئارىلىقتا بۈۋىھەجەر يۇنۇس سومكىسىدىن كىچىك بىر باغلام پۇلنى ئېلىپ، بەكرى قايىمغا تەڭلىدى.
ــــ بىز سىلەرنىڭ بالىلارنى ئوقۇتىمىز دەپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتىپ قېلىۋاتقىنىڭلارنى ئاڭلاپ، ئاز بولسىمۇ بۇ 1000 يۈەن پۇلنى ۋە بۇ ئۈچ قۇر كىيىمنى ئېلىپ كەلدۇق، بۇ بارلىق مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ سىلەرگە بولغان ئازغىنە كۆڭلى.
ــــ ئاز ئەمەسكەن مېھمانلار، ئاز ئەمەسكەن، بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ پۇل، رەھمەت سىلەرگە،ــــ بەكرى قايىم ھاياجاندىن تىترەۋاتقان قولىغا پۇلنى ئالدى،ــــ پارتىيەگە رەھمەت، بارلىق مېھرىبان ئانىلارغا، ساخاۋەتچى ئاتىلارغا رەھمەت. بىز پارتىيەگە، سىلەرگە نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي تۇرساق، بىزنى يەنە يوقلاپ كەپسىلەر،ــــ بەكرى قايىم ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ كۆزلىرىدىن چىققان مۇنچاق-مۇنچاق مىننەتدارلىق ئىسسىق كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ تاراملاپ تۆكۈلدى.....