- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەردانجان ئابلا جۇڭخۇا ساخاۋەتچىلەر باش جەمئىيىتىنىڭ ھەقسىز داۋالىشىغا ئېرىشتى
2012.12.13 16:44
ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭخۇا خەيرى–ساخاۋەتچىلەر باش جەمئىيىتى بېيجىڭ داۋالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 30–ئۆكتەبىر يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسى ياربويى كەنتى 8–مەھەللىسىگە كېلىپ، تۇغما بەل ئومۇرتقا سۆڭىكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان 11 ياشلىق مەردانجان ئابلانىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ نورمال ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
جۇڭخۇا خەيرى–ساخاۋەتچىلەر باش جەمئىيىتى بېيجىڭ داۋالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر مەردانجان ئابلانىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، يېزىدىكى بەل ئومۇرتقا سۆڭىكى قىيسىيىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بالىلارنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاپ، ئارامەھەللە كەنتىدىكى ئابدۇشۈكۈر قېيۇمنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنى پات ئارىدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئۇقۇشىمچە، تۇغما بەل ئومۇرتقا سۆڭىكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان مەردانجاننىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن، 11 ياشقىچە داۋالىنالماي كەلگەن ئىكەن. جۇڭخۇا خەيرى–ساخاۋەتچىلەر باش جەمئىيىتى نامرات رايونلاردىكى بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاش داۋامىدا، مەردانجاننىڭ ئائىلە ۋە كېسەل ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بۇ يىل 7–ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق كۆكرەك كېسەللىرى دوختۇرخانىسىدا پۈتۈن چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئوپېراتسىيە قىلغان ئىكەن.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە