خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: موڭغۇلىيە دۆلىتى تەقدىم قىلغان 30 مىڭ قوي يېتىپ كەلدى! سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنداق تونۇشتۇردى: موڭغۇلىيە دۆلىتى جۇڭگوغا تەقدىم قىلىش مۇددىئاسىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ تاپشۇرۇۋېلىش خىزمەت لايىھەسى تۈزدى، يېقىندا جۇڭگونىڭ ئالدىن تەكشۈرۈش مال دوختۇرى ۋە تېخنىكلار موڭغۇلىيە دۆلىتىگە بېرىپ تەييارلىق خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، موڭغۇلىيە دۆلىتى تەقدىم قىلغان قويلار ئايرىلىپ تۇرۇش ۋە زۆرۈر بولغان كارانتىن قىلىشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ جۇڭگوغا 30 مىڭ قوي تەقدىم قىلىشى موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قەتئىي مەدىتىنى نامايان قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى چوڭقۇر دوستلۇقىنى گەۋدىلەندۈردى. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ تەقدىم قىلىنغان قوينى ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتكەن لايىھەگە ئاساسەن، جۇڭگو ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېرېنخوتتا تەقدىم قىلىنغان قويلارنى زۆرۈر بولغان كارانتىن قىلىپ ۋە سويۇپ پىششىقلىغاندىن كېيىن، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تاپشۇرىدۇ. سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى موڭغۇلىيە دۆلىتى بىلەن بولغان ماس ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتى تەقدىم قىلغان قويلارنى تاپشۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ