باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئىراننى جازالاش قارار لايىھەسىنى پەسەيتىشكە قوشۇلدى

2015.01.30 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى 27-يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تەشۋىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز ئىراننى يەنىمۇ جازالاش قارار لايىھەسىنى يولغا قويۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈردۇق.

  مېنېندېز قاتارلىق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىر قانچە ئەزاسى شۇ كۈنى ئوباماغا خەت يېزىپ، 24-مارتتىن بۇرۇن جازالاش قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرمەيدىغانلىقىنى، ناۋادا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت مارتنىڭ ئاخىرى رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىسا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قارار لايىھەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 20-يانۋار كەچتە دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرگەندە: پارلامېنت ناۋادا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى مەزگىلىدە ئىراننى يەنىمۇ جازالاش قارار لايىھەسىنى ماقۇللىسا، ئۆزىنىڭ پارلامېنتنىڭ ئالاقىدار قارار لايىھەلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر