- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىكى ياپونىيە، ئامېرىكا، كورىيە ۋەكىللىرى توكيودا سۆھبەتلەشتى
2015.01.30 15:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياپونىيە، ئامېرىكا، كورىيەنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىللىرى تۈنۈگۈن توكيودا سۆھبەتلىشىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشقا داۋاملىق دەۋەت قىلىش، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى باشلاشقا تۈرتكە بولۇش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى ئاسىيا ئوكيانىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىخارا جۇنىچى يىغىندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ياپونىيە، ئامېرىكا، كورىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم دەپ جەزملەشتۈردى. كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىق ئىشلىرىغا ئارىلىشىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ چېئونگوگ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىردەك جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ سۆزلىشىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. قاتماللىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ياپونىيە، ئامېرىكا، كورىيەنىڭ جۇڭگو ۋە رۇسىيە بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشى زۆرۈر.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر