باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىياچە ش ئا ئە ت قۇرۇش بىلەن ھەپىلىشىش ئۆز بېشىمچىلىق

2015.01.09 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يېقىندا «كورىيە، ئامېرىكا، ياپونىيەنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو قورال ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى ھەققىدىكى ئاخباراتلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» ئەسلەتمىسىنى بىرلىكتە ئىمزالىدى، كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن دەرھال كۈچكە ئىگە بولدى. گەرچە كورىيە دائىرىلىرى ئەسلەتمىنى ئىمزالاش-چاۋشيەندىن كېلىدىغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كورىيە جامائەتچىلىكى ئەسلەتمىنى ئىمزالاش ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن كورىيە-ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق بولۇپ، 2012-يىلى بىكار قىلىنغان كورىيە-ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى «ھەربىي ئاخباراتنى قوغداش كېلىشىمى»نى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئىلگىرى سۈرگەنلىك دەپ قارىدى.

  جامائەتچىلىك بۇ ئەسلەتمىنىڭ ئىمزالىنىشى-ئامېرىكا-ياپونىيە-كورىيە ئۈچ تەرەپلىك ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يېتەكچى ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە پايدىلىق، بىراق چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىسىز دەپ ئومۇميۈزلۈك ھېسابلىدى.

  شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيەنىڭ بۇ ئاخبارات ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى ھەر كاللىدا ھەر خىيال دېگەندەك، ئۆزلىرىنىڭ چوتىنى سوقۇشتىن ئىبارەت. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى زومىگەرلىك ئورنىنى قوغداپ، جۇڭگو، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىسكەنجىگە ئالماقچى بولدى، ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، فىلىپپىن، كورىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ياپونىيە-ئاۋسترالىيە، ياپونىيە-كورىيە، ياپونىيە-فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ھەم ئامېرىكا-ياپونىيە-ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا-ياپونىيە-كورىيە قاتارلىق ئۈچ تەرەپلىك بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنى تورلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيە مەركىزىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىشلىرىدىكى تەسىرى ھەم كونتروللىقىنى كۈچەيتمەكچى بولدى. بەزى ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئىچىدە ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيەگە باشچىلىق قىلىپ «ھەربىي ئاخباراتنى قوغداش كېلىشىمى» ئىمزالىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو بۇندىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ تۇنجى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەزگىلىدە ئاتالمىش «قىممەت قارىشى دىپلوماتىيەسى» ۋە «ئاسىيا ئەركىنلىك يايى» پىلانىنى يولغا قويۇشقا باشلاپ، ئاسىياچە شىمالىي ئاتلانتىكى ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان مۇھاسىرە چەمبىرى ھاسىل قىلماقچى بولغان ئىدى. بۇ قېتىم ياپونىيەنىڭ ئۈچ تەرەپ ئاخبارات ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا ھەدەپ كۈچىشى-يۈزەكى جەھەتتىن چاۋشيەننىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆزىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئىشلىرىدىكى سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى ساقلاش شۇنداقلا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچىنى نازارەت قىلىشنى چىڭىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. كورىيە بىلەن چاۋشيەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، چاۋشيەننىڭ تىرايىكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى قويۇپ بېرىش ھەم يادرو سىنىقىغا نىسبەتەن ناھايىتى كۈچلۈك ئاخبارات توپلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇڭا كورىيە ھەم ئامېرىكا-ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا نازارەت سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، چاۋشيەننىڭ ئاخباراتلىرىنى ئىگىلەشنى ئويلايدۇ ھەم ئاخباراتتىن تەڭ بەھرىمەن بولغاندا، ياپونىيەنىڭ ئەمەلىي نەپ ئالغۇچىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

  رېئال ئەھۋالدىن قارىغاندا، ياپونىيە بىلەن كورىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بىر كۈلكە بىلەن ئاداۋىتىنى ئۇنتۇپ، ئىتتىپاقداشلىق يولىغا مېڭىشى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە ماڭىدىغان ئۈچ تەرەپلىك ئىتتىپاقداشلىق يولىمۇ تۈز ئەمەس. ئەسلەتمە ئىمزالانغاندىن كېيىن، كورىيە تاراتقۇلىرى كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كورىيە بىلەن ياپونىيە ئامېرىكا ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ھەققىدىكى ئاخباراتلارنى ئالماشتۇرىدۇ، كورىيە بىلەن ياپونىيە ھەربىي ئاخباراتتىن بىۋاسىتە ئورتاق بەھرىمەن بولمايدۇ دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. بۇ-كورىيەنىڭ زېمىن ماجىراسى ۋە ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تاجاۋۇزچىلىق تارىخى مەسىلىسى سەۋەبىدىن، ياپونىيەدىن يەنىلا يۈكسەك ئېھتىيات ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى ئىككى ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى بولغان كورىيە بىلەن ياپونىيە بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئاخباراتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېلىشىمىنى ئايرىم-ئايرىم ئىمزالىغان، ئامېرىكا كورىيە-ياپونىيە ھەم ئامېرىكا-ياپونىيە-كورىيە ئوتتۇرىسىدا ئاخبارات كېلىشىمى ئىمزالاشقا تۈرتكە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇزاقتىن قارىغاندا، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيەنىڭ چاۋشيەن ھەققىدىكى ئاخباراتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېلىشىمى ئەسلەتمىسىنى ئىمزالىشى-چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، ھەتتا رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىسىز. بىر تەرەپتىن، بۇ كېلىشىم ئەسلەتمىسىنىڭ ئىمزالىنىشى-ئۈچ دۆلەتنىڭ چاۋشيەنگە قارىتىلغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەننى چەكلەشنى چىڭىتىدۇ، بۇ يېقىنقى مەزگىلدە ياپونىيە، ئامېرىكا، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۆزلۈكسىز يارىشىش سىگنالىنى بېرىۋاتقان چاۋشيەن دائىرىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شۈبھىسىزكى ئەجەللىك زەربە بولۇپ، چاۋشيەننىڭ مۇناسىپ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، بۇ-چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىسىز. يەنە بىر تەرەپتىن، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ نەپ ئېلىش دەۋر ئېقىمىغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گۇرۇھلار قارشىلىشىشى كەلمەسكە كەتتى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ مەھسۇلى بولغان ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىسى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر