باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى

2015.01.12 10:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى جۇڭگو «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىلىك تەسەۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 2014-يىلى يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلىندى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىم ئىمزالىدى، 2015-يىلى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئەمەلىي قانات يايدۇرۇش باسقۇچىغا كىردى. «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيىسى بويىدىكى 60 نەچچە دۆلەتنىڭ كۆپى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، كۆپى ئىقتىساد تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنىڭ ئىستىقبالى زور. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جۈنكۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى «بىر بەلۋاغ بىر يول» بەرپا قىلىشتىكى يادرولۇق نىشان. ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئارقىلىق، بايلىق مۇھىم ئامىلىنى تەقسىملەش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، لىنىيە بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى يېتەرلىك قويۇپ بېرىش- لىنىيە بويىدىكى دۆلەت خەلقىغە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىققىمۇ ئاساس سېلىشقا پايدىلىق. «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى» قايتىدىن قەد كۆتۈرمەكتە. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سۈن جۇاڭجى مۇنداق دېدى: قۇرۇقلۇق يولى قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇقلۇق يەر مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتتى، ئاسىيا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تېخمۇ جانلىق كۆپ مەنبەلەشكەن ئىقتىسادىي ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىشى- دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ يەنشېڭنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2014-يىلىدىن 2020-يىلغىچە جۇڭگو چەتئەلنى 17 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن، تاشقى بىۋاستە مەبلەغ سېلىش مىقدارى 1 تىرىليون 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان، بۇ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە 7 مىليون يېڭى ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان ئوتتۇرىچە تۆھپىسى %27 كە يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر