باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقىنى شەرتلىك توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى

2015.01.12 19:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى 10-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىغا بۇ يىل ئامېرىكا-كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى توختاتسا، چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقىنى توختىتىدىغانلىق تەكلىپىنى بەردى. ئامېرىكا تەكلىپنى رەت قىلدى.

  چاۋشيەننىڭ ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ھۆكۈمىتى 9-يانۋار ئالاقىدار يوللار بىلەن ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى ئامېرىكىغا يەتكۈزۈپ، ئامېرىكىغا بۇ يىل كورىيە ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا بىرلەشمە مانېۋىرىنى توختاتسا، چاۋشيەننىڭمۇ يادرو سىنىقىنى توختىتىدىغانلىق تەكلىپىنى بەردى. ئامېرىكا سۆھبەتلەشمەكچى بولسا، چاۋشيەننىڭ ھەر قاچان تەييارلىقىنى بىلدۈردى، ھەر يىلى كورىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش مانېۋىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن كەسكىنلەشتۈرۈپ، چاۋشيەن مىللىتىگە يادرو ئۇرۇشى ئاپىتى ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھازىر چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر قارارغا كېلىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئامېرىكا يۈرەكلىك ھالدا چاۋشيەنگە بولغان سىياسەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر