باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى سېتىۋېلىشنى كۆپەيتىپ، ياردەمنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

سۈتنى تۆكۈۋەتمەسلىك، سىپىرلارنى ساتماسلىققا تىرىشىدۇ

2015.01.12 19:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 11-يانۋار يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىنقى مەزگىلدىكى «سۈت سېتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىگە قارىتا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى جايلاردىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، سۈتچىلىك كارخانىلىرىغا ماسلىشىپ سېتىۋېلىشنى كۆپەيتىش، سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىش ۋە قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، «سۈت سېتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، سۈتچى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، سۈتچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى جايلاردىن تۈرلۈك ئاماللار بىلەن پىششىقلاش كارخانىلىرىنى خام، يېڭى سۈت سېتىۋېلىشقا تەشكىللەپ، سۈتچىلىك كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش توختامىغا ئەمەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پائال سېتىۋېلىپ، سۈتچى دېھقانلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىشىگە ياردەم بېرىپ، سېتىۋېلىشنى رەت قىلماسلىق، سۈتنى تۆكۈۋەتمەسلىك، چەك قويماسلىق، سىپىرلارنى ساتماسلىققا تىرىشىشىنى تەلەپ قىلدى. يەرلىكنىڭ سۈتچىلىك جەمئىيىتى ۋە سۈتچى دېھقانلار ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خام، يېڭى سۈتنىڭ نورمال سېتىۋېلىش تەرتىپىنى ساقلاش كېرەك. «سۈت سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ماسلىشىپ بىر تەرەپ قىلىپ، سۈتچىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش» تارقىتىلغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا يەنە «يىلى»، «مېڭنيۇ» قاتارلىق نۇقتىلىق سۈتچىلىك كارخانىلىرىنىڭ سۈت مەنبەسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كارخانىنىڭ خام، يېڭى سۈت سېتىۋېلىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك فېرما ۋە بېقىش رايونلىرىنىڭ سۈت باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سۈتچى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر