باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە بىرلىككە كەلگەن ئالەم قاتنىشى سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلەتتى

2015.01.13 09:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالەم بوشلۇقى مۇداپىئە قىسمىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك زولوتۇكخىن 10-يانۋار مۇنداق دېدى: روسىيە ئورۇنلاشتۇرغان يېڭى تىپتىكى ئالەمدە ئۇچۇش ئاپپاراتىنى قويۇپ بېرىش يەر يۈزى ئۇل مۇئەسسەسەسى، روسىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى پلېسېتسك قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملاندى، بۇ روسىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئالەم قاتنىشى سىستېمىسى رامكىسىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، قويۇپ بېرىش مەيدانىدا كەلگۈسىدە سىستېما ئېھتىياجلىق سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەمدە ئۇچۇش ئاپپاراتى قاتارلىقلار قويۇپ بېرىلىدۇ.

  بىرلىككە كەلگەن ئالەم قاتنىشى سىستېمىسى روسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى يېڭى سىنىقى بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ 2014-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكىسى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە تەرەققىي قىلغان باشقۇرۇلىدىغان سنارەد ھۇجۇمىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئىستراتېگىيىلىك سىستېما بولۇپ، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سناردنى قويۇپ بېرىشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئالاقىدار قويۇپ بېرىش سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەش شۇنداقلا مۆلچەرلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، لېكىن ياخشى ئاسرىماسلىق ۋە تېخنىكىسى قالاق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى كونا سىستېمىنى ساقلاپ قالالمىغان. شۇڭا، روسىيە ھەربىي قىسمى 2011-يىلىلا يېڭى بىرلىككە كەلگەن ئالەم قاتنىشى سىستېمىسى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە قۇرۇشقا تەييارلىق خىزمىتىگە كىرىشكەن. (خەلق گېزىتىنىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى شې ياخۇڭ)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر