باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا يېپىق سىناق قىلىشنىڭ خەتىرىنى كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دېدى

2015.01.13 09:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 10-يانۋار تېلېگراممىسى. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جياڭ دامىڭ 10-يانۋار مۇنداق دېدى: يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا پەقەت قانۇندا ھوقۇق بېرىلگەن ناھىيە(شەھەر)لەردىلا ئېلىپ بېرىش، نۇقتىدا سىناق قىلىنمايدىغان رايونلار قارىغۇلارچە بەسلىشىپ، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلماسلىق، نۇقتىدا يېپىق سىناق قىلىپ، خەتەرنى كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جياڭ دامىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا كىچىك دائىرىدە سىناق قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بولۇپمۇ يېڭىچە شەھەر-بازارلاشقان ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىسى ۋە يېزىلارنىڭ ئىسلاھاتنى سىناق قىلىش رايونلىرىدا نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: نۇقتىدا سىناق قىلغاندا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى بۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلارنىڭ سىناق مەزگىلىدە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشىغا ھوقۇق بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر