باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھادىسىگە يولۇققا يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىدىن چىققان سىگنالغا ئوخشاپ كېتىدىغان سىگنال بايقالدى

2015.01.13 09:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، جاكارتا، 11-يانۋار تېلېگراممىسى. ھىندونېزىيە ئەمەلدارى 11-يانۋار مۇنداق دېدى: ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ھادىسىگە يولۇققا يولۇچىلار ئايروپىلانى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىدىن كەلگەن سىگنالغا ئوخشاپ كېتىدىغان سىگنال قايتا بايقالدى.

  ھىندونېزىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاڭكالانبۇئۇندا قۇتقۇزۇشقا مەسئۇل ئەمەلدار سۇپرىيادى 11-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، ھىندونېزىيە ئۈچ قۇتقۇزۇش كېمىسىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى قالدۇقى بايقالغان ئورۇننىڭ شەرقىدىكى بىر كىلومېتىر ئورۇندا بۇ سىگنالنى ئاڭلىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. غەۋۋغاسلار پاراخوت تۇرۇشلۇق دېڭىز تەۋەسىگە كېلىپ، سۇ ئاستىغا چۈشۈپ بۇ سىگنالنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان.

  ھىندونېزىيە قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ باش قوماندانى مۇردوككو 9-يانۋار مۇنداق دېدى: ئايروپىلان قالدۇقى بايقالغان ئورۇننىڭ ئەتراپىدا قارا قۇتىنىڭ سىگنالىغا ئوخشاپ كېتىدىغان سىگنال بايقالدى ۋە غەۋۋاسلار تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلدى، لېكىن ئوكيان ئېقىمىنىڭ توسقۇنلىقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر